UHRP ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى yйғур кишилик һоқуқ қурулуши

UHRP ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى  yйғур кишилик һоқуқ қурулуши The Uyghur Human Rights Project's mission is to promote human rights and democracy for the Uyghur people.

02/26/2026

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (UHRP) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ر....

02/26/2026

«ھاياتتىن سورا» ناملىق رومان (2)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

بۇ شەھەر پۈتۈنلەي قامالدا قالغالىقى سەۋەبىدىن يالغۇز مەنلا ئەمەس، پۈتۈن شەھەر ئاھالىسى ئاچ قالغانىدى، ۋەھشى ئىتلار يېراقلاردا قاۋاۋاتاتتى. بىر زامانلاردا ئانام ئەتكەن تاماقنىڭ پۇرۇقى دەرۋازىنىڭ سىرتىغىچە تارقىلاتتى. بۇ پۇراقلاردا ئانامنىڭ سۆيگۈسى، مۇھەببىتى، ئانىلىق چەكسىز مېھرى بار ئىدى. زېھنىمدە خېمىر، تەڭنە، تاۋاق، قازان، چوكا قاتارلىقلارنى تەسەۋۋۇر قىلىۋېتىپ، ئانامنىڭ خېمىر يۇقى قوللىرىنى سېغىنغانلىقىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن. مانا دېرىزەمدىن باش كۈز مەزگىلىنىڭ قۇياش نۇرى چۈشمەكتە، يەنە تاڭ ئېتىپ، يېڭى بىر كۈن باشلاندى، كۆزۈم ئىچىلدى، ئۈستۈمگە چۈشكەن قۇياش نۇرىنىڭ ئىسسىق ھارارىتى بارا – بارا مۇزلاۋاتقان بەدىنىمنى ئىسسىتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ، قارنىمنىڭ ئاچلىقىنى، دېماقلىرىمنىڭ قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى سېزىۋاتىمەن. بىراق ھايات سوغۇق، بۇنى ياشاۋاتىمەن.

تامغا يۆلەپ قويۇلغان كارۋاتنىڭ ئۈستىدە تۇرغان كېسەلچان بەدىنىمنىڭ تامدىكى ئۇزۇن سايىسى مەن بىلەن پاراللېل ھالدا چايقالماي جىمجىت تۇرىدۇ، ئۇنى مەن كۆزۈمنىڭ قۇيرىقىدا كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن. ئىككى كۈندىن بېرى مەن بىلەن يالغۇز ياشاۋاتقان، ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئۇشبۇ ئەرۋاھتەك سايە بولسا، مانا بۈگۈن مەن بىلەن تەڭ ھەرىكەت قىلىشتىنمۇ توختىغانىدى، ئۇ ماڭا ئوخشاش ماغدۇرسىز، ماڭا ئوخشاش ئاچ، ماڭا ئوخشاش كېسەل ۋە ماڭا ئوخشاش غېرىپ. مانا بۇ بىچارە سايە ماڭا ئەڭ ئاخىرقى ھەسرەت تۇيغۇسىنى چەككۇزۇشكە قادىر بولىۋاتاتتى. غېرىپ سايە بولسا دادامنىڭ سايىسىدىن خېلىلا كىچىك كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. دادامنىڭ سايىسى ئاكام بىلەن سىڭلىمنى چوڭ كۆرسىتىپ، مەن بىلەن ئانامنى كېچىكلىتىپ يوق قىلىۋەتكەنىدى. شۇڭا مەن دادامنىڭ سايىسىدىن قورقىمەن. ئۇنىڭ سايىسى شەيتانغا ئوخشايدۇ.

دادامنىڭ سايىسىنىڭ يوغان ۋە كۈچلۈك بولۇشى ۋە ئۇنىڭ مېنىڭ دادام بولغانلىقى، ئۇنىڭغا مېنى خورلاش ھەققىنى بەرمەيتتى. بىراق بۇ ھايات بۇ ھەقنى تونىدى، بۇ ھايات دادامنى شۇنداق قىلغۇزدى. يەنە شۇنداقتىمۇ دادام ئەقىل بىلەن بېزەلگەن بىر ۋىجدان بىلەن ئويلىيالىغان بولسا ئىدى، ھاياتنىڭ قىلمىشلىرىنى تونۇپ يەتكەن بولاتتى. دەرۋەقە، دادامنىڭ ماڭا بولغان غەزىپى ئەسلىدە ھاياتقا بولغان ئۆچمەنلىكىدىن، ھەممىدىن مۇھىمى ھاياتتىن قورقانلىقىدىن بولغانىدى. مەزكۇر ھايات دادامنىڭ ئەقلىنى بېشىدىن يېراقلاشتۇردى، شۇ سەۋەبتىن دادامنىڭ ۋىجدانى كور بولغانىدى. شۇنداق ئويلاپ قالدىم، بۇ ھاياتتا ئوغۇل بالىنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئەڭ بۈيۈك ئىسكەنجە ئاتا سۆيگۈسىدىن مەھرۇم قىلىش بولسا كېرەك.

ئۆزۈمنىڭ سايىسى ماڭا ھەمرا، ئۇ مېنىڭ روھىم. چۈنكى مەن پەقەت شۇنىڭ بىلەنلا سۆزلىشەلەيمەن، شۇنىڭغىلا ئىچىمنى تۆكەلەيمەن. لېكىن بۈگۈن ئۇنىڭمۇ تاۋى يوق، ھەپسىلىسىنى يوقاتقان ھالدا يېنىمدا ياتىدۇ. بۇ مەن ئۈچۈن يەنە بىر ئازاب، يەنە بىر ھەسرەت.

(داۋامىنى بۇ ئۇلىنىشتىن ئوقۇڭ: https://www.akademiye.org/ug/?p=170496)
➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖
📣 يازمىلارنى ھەمبەھىرلەش ئارقىلىق بىزگە مەدەت بەرگەيسىز!
🌐 تور بەت ئادرىسى: www.akademiye.org/ug
👈 يۇتىيۇپ قانىلى: https://www.youtube.com/uyghuracademy
👈 فېيسبۇك سەھىپىسى: https://www.facebook.com/uyghuracademy
👈 تۋىتتېر ھېسابى: https://twitter.com/uygurakademisi

12/19/2025

2025年12月18日 由记者阿斯娅(Asiye Uyghur)撰写的维吾尔人权项目观点洞见 自由亚洲电台(R…

Address

Washington D.C., DC
20036

Alerts

Be the first to know and let us send you an email when UHRP ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى yйғур кишилик һоқуқ қурулуши posts news and promotions. Your email address will not be used for any other purpose, and you can unsubscribe at any time.

Contact The Organization

Send a message to UHRP ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى yйғур кишилик һоқуқ қурулуши:

Shortcuts

Featured

Share