Ewlat Gruppisi-ئەۋلاد گۇرۇپپىسى

Ewlat Gruppisi-ئەۋلاد گۇرۇپپىسى ئەجدادتىن ئەۋلادقا، «ئەۋلاد»تىن ئەۋلادقا...
[email protected]

ئەۋلاد تور بېكىتى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ، قەدىمىڭىزگە مەرھابا!

غايىمىز:
يېڭى ئەۋلادلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەر، قېرىنداشلىق ئېڭىغا ئىگە، خەلقىنىڭ نېمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان، تارىخ ئېڭى يېتىلگەن، ھازىرقى دۇنيانى تونۇيدىغان، ئۆزىنى ۋە باشقىلارنىمۇ ئېتىقادىمىزنىڭ تەلىپى بويىچە ياشاشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان شەخس بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىدا ئاكتىپ رول ئويناشتۇر.

بۇرچىمىز:
غايىمىزگە يېتىش ئۈچۈن:
• ھەر خىل

سەۋىيەدە تەلىم - تەربىيە، مەدەنىيەت، تەتقىقات ۋە نەشر لايىھەلىرىنى تەييارلاش ۋە ئىجرا قىلىش؛
• ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان لايىھەلەرنىڭ تۈرتكىسىدە ھەر تۈرلۈك كۈلتۈر، مەدەنىيەت، تارىخ، دىن، ئەخلاق، ئىقتىساد، سەنئەت قاتارلىق ساھەلەردە ھەممە قاتلامنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان خاراكتېردىكى پىلانلارنى تۈزۈش؛
• ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئەسەر ۋە پىلان - لايىھەلەر بىلەن خەلقىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ۋە روھىي تەرەپلەردە يۈكسىلىشى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنىڭ داۋاملىشىشىغا ھەسسە قوشۇش؛
• يۇقىرىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ پىلانلىنىشى، ئىجرا قىلىنىشى ۋە سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئىزدىنىش؛ ئاممىۋى ئورگانلار، پۇقراۋىي تەشكىلاتلار بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىش؛
• بولۇپمۇ خەلقىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيەت، تارىخ ۋە دىنىي تەرەپلەردىن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە پايدىلىنالىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا كۈچەش؛

پىرىنسىپىمىز:
1. خىزمىتىمىزنىڭ ھەر باسقۇچىدا پىدائىيلىق ئاساس قىلىنىدۇ. سەمىمىيلىك، دۇرۇسلۇق ۋە ئوچۇق - يورۇق بولۇشنى شەرت قىلغان ئامانەت ئېڭىنىڭ تۈرتكىسىدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.
2. ئېتىقادىمىزدىن ئالغان كۈچىمىز ۋە ئەسلىي مەنبەيىمىزنى بىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئىگە بولۇش ئەۋزەللىكىمىز شەكىللەندۈرگەن ئېنېرگىيە ئارقىلىق خىزمەت مۇددىئايىمىزنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىنى ھاسىل قىلىش.
3. مەسلىھەت بىلەن ئىش قىلىشقا رىئايە قىلىش.
4. بارلىق خىزمەتلىرىمىزدە خەلقنىڭ ئېتىقادىي ھېسسىياتىغا مۇناسىپ ھەرىكەت قىلىش ۋە ئوتتۇرھال بولۇش.
5. ئوچۇق - يورۇق، ساپ دىل ۋە سالماق بولۇش.
6. بارلىق خىزمەتلىرىمىزدە خەلقىمىزنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىش.


تور ئادرېسىمىز: http://www.ewlat.net
ئالاقە: [email protected]
تۇغ ئادرېسى: http://www.ewlat.net/logo.gif

11/06/2026
06/05/2026
24/04/2026

ئەۋلاد نەشرىياتىدىن يېڭى كىتاب ئۇچۇرى

كىتاب ئىسمى: قۇرئان كەرىم لۇغىتى
ئاپتورى: ئەھمەد سەدات ئۈستۈن
تەرجىمە قىلغۇچى: رىسالەت مەھمۇد قەشقەرلى
تىل: ئەرەبچە، ئۇيغۇرچە، تۈركچە
تەرجىمىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچىلەر: ئابدۇراھمان جامال كاشغەرىي، مۇھەممەد يۈسۈپ
بەت مۇقاۋا لايىھەلىگۈچى: رىسالەت قەشقەرلى
نەشر قىلغۇچى ئەۋلاد نەشرىياتى

2026- يىل 3 - ئاي 1-نەشرى
2026- يىل 4 - ئاي 1 - باسمىسى

https://www.ewlatkitap.com

03/04/2026

ئال قولۇڭغا قىزىل تۇغنى
بەرمە دۈشمەنگە ھېچ ئۇنى
دۈشمەن سۇزغا بىزگە قولىنى
يانچىپ تاشلايمىز بىز ئۇنى

ئاڭلا ئەڭ ۋەتەن بالىلىرى
شاماللاردىن خەۋەر باردۇر
قەھىرلىك كۈچلۈك باتۇر ئەرلەر
شىر ۋە يولۋاسلار باردۇر

hayranlar
Ewlat Gruppisi-ئەۋلاد گۇرۇپپىسى

Address

Uzun Halil
Istanbul
34098

Alerts

Be the first to know and let us send you an email when Ewlat Gruppisi-ئەۋلاد گۇرۇپپىسى posts news and promotions. Your email address will not be used for any other purpose, and you can unsubscribe at any time.

Contact The Organization

Send a message to Ewlat Gruppisi-ئەۋلاد گۇرۇپپىسى:

Share