Simvakfı

Simvakfı SATUK BUĞRAHAN İLİM ve MEDENİYET Vakfın, (SİM Vakfı).
سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى

Kadim bir tarihî geçmişe sahip olan Türkistan coğrafyası, 12 asırdır İslam kültürüyle yoğrulmuş köklü bir medeniyet merkezidir. Kuzeyden güneye, doğudan batıya Hunlarla başlayıp Tabgaçlar’ın, Göktürkler’in, Uygurlar’ın, Karahanlılar’ın, Gazneliler’in, Harzemşah ve Selçuklular’ın asırlar boyunca kök saldıkları, karış karış iz bıraktıkları bu Türk yurdu, Karhanlılar döneminde ilim ve medeniyet bakım

ından oldukça gelişmiştir. Özellikle Karahanlılar Hakan’ı Abdülkerim Satuk Bağrahan’ın İslamı kabul etmesiyle, bu topraklar Ahmet Yesevi’ye, Şah-ı Nakşibendi’ye, İmam-ı Buhari’ye, Tirmizi’ye, İbn-i Sina’ya, Farabi’ye, el-Biruni’ye, Harezmi’ye, Uluğ Bey’e, Yusuf Has Hacib’e,Kaşgarlı Mahmut’a ve daha yüzlerce ilim, irfan ve gönül sultanına;ev sahipliği yapan bereketli topraklar olmuştur. Vakfımız, şanlı tarihimize tarihine adını altın harflerle yazdırmış Türklerin İslam’la müşerref olmasında büyük katkı sağlamış olan,şu anda türbesi Doğu Türkistan’ın tarihi Başkenti Kaşgar iline bağlı Artuş ilçesinde bulunan büyük Türk Hakan’ı Abdülkerim Satuk Bağrahan’ın adını ve Misyonunu nesillere tanıtmak,ecdat ruhunu genç kuşaklara aktarmak ve kabul ettirmek maksadıyla, hayırsever Türk ve Türkistanlılar tarafından kurulmuştur.

دىققەت:ئىقامەت ياكى پاسپورت بىلەن (ھەتتا تۈركىيە نوپۇسى بولسىمۇ) تۈركىيەدە ئۇنىۋېرسىتىتقا كىرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان ئ...
03/02/2026

دىققەت:
ئىقامەت ياكى پاسپورت بىلەن (ھەتتا تۈركىيە نوپۇسى بولسىمۇ) تۈركىيەدە ئۇنىۋېرسىتىتقا كىرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار سەمىگە

2026 يىلى چەتئەللىكلەرنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتىتلارغا كىرىشكە ئېلىنىدىغان ئىمتىھان TR-YÖS نىڭ 1- قېتىملىقىغا تىزىملاش ۋاقتى بۈگۈن تۈگىگەن ئىدى، تىزىملاش ۋاقتىنى 2026-02-11- كۈنىگىچە ئۇزارتىپتۇ، تىزىملاتماقچى بولغانلار دەرھال بولۇڭلا ھە!

بۇ ئىمتىھانغا كىرىش شەرتى:
تۈركىيە نوپۇسى چىققان
ياكى
چىقمىغانلارنىڭ ئوخشاش شەرتى
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى باشقا يەردە ئوقۇغان بولۇشتۇر،
يەنى تۈركىيەدە تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇمىغانلار
تىزىملاتسا بولىدۇ.

ئەسكەرتىش:
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈركىيەدە ئوقۇغانلار گەرچە چەتئەللىك بولسىمۇ بۇندىن كېيىن نورمال تۈركلەر بىلەن YKS
دېگەن ئىمتىھانغا كىرىدۇ، دەيدۇ.

تىزىملاش ئادىرسى ۋە قالغان تەپسىلاتى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا

https://www.osym.gov.tr/TR,33842/2026-turkiye-yurt-disindan-ogrenci-kabul-sinavi-2026-tr-yos1-basvuru-suresinin-uzatilmasi-extension-of-the-application-period-for-2026-exam-for-foreign-students-for-higher-education-in-turkiye-2026-tr-yos1-03022026.html

2026 Türkiye Yurt Dışından Öğrenci Kabul Sınavı (2026-TR-YÖS/1): Başvuru Süresinin Uzatılması /Extension of the application period for 2026 Exam For Foreign Students For Higher Education in Türkiye (2026-TR-YÖS/1

https://www.osym.gov.tr/TR,33842/2026-turkiye-yurt-disindan-ogrenci-kabul-sinavi-2026-tr-yos1-basvuru-suresinin-uzatilmasi-extension-of-the-application-period-for-2026-exam-for-foreign-students-for-higher-education-in-turkiye-2026-tr-yos1-03022026.html

2025–2026 ئوقۇش يىلىنىڭ كۈز مەۋسۇملۇق دەرسلىرىمىز ناھايىتى كۆڭۈللۈك ھالدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.2025–2026 Eğitim-öğ...
28/01/2026

2025–2026 ئوقۇش يىلىنىڭ كۈز مەۋسۇملۇق دەرسلىرىمىز ناھايىتى كۆڭۈللۈك ھالدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.
2025–2026 Eğitim-öğretim yılı güz dönemi derslerimiz son derece keyifli bir şekilde başarıyla tamamlandı.

سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسىنىڭ ئىستانبۇل ۋە كونىيە شەھەرلىرىگە جايلاشقان 4 تەلىم-تەربىيە مەركىزىمىزدە 2025–2026 ئوقۇش يىلىنىڭ كۈز مەۋسۇملۇق دەرسلىرى ناھايىتى كۆڭۈللۈك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاخىرلاشتى.
🔹 بۇ مەۋسۇمدا جەمئىي 277 نەپەر ئوقۇغۇچى دەرسلىرىمىزگە قاتناشتى.
🔹 مەركەزلىرىمىزدە 27 نەپەر ئوقۇتقۇچى، 4 نەپەر خىزمەتچى ۋە 1 نەپەر ئاشپەز بولۇپ، جەمئىي 32 كىشى بىلەن تەلىم-تەربىيە پائالىيەتلىرىمىز مۇنتىزىم داۋام قىلىۋاتىدۇ.
🔹 يەسلىدىن باشقا مەركەزلەردە ھەپتە ئىچىدە، دۆلەت مەكتەپلىرىدىن قايتقاندىن كېيىن كۈندە 3 سائەتلىك دەرس ئۆتىلىدۇ؛ ھەپتە ئاخىرىدا بولسا ئەھۋالغا قاراپ بەزى سىنىپلارغا كۆپرەك دەرس ئۆتىلىدۇ.
📍 مەركەزلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار سانى:
1. سەفاكۆي باشلانغۇچ مەركىزى:
1- دىن 4- سىنىپقىچە بولغان بالىلاردىن 5 سىنىپ ۋە يەنە قۇرئان كەرىم سىنىپىدە، جەمى 102 نەپەر ئوقۇغۇچى
2. سەفاكۆي ئوتتۇرا مەركىزى:
5- تىن 7- سىنىپقىچە بولغان بالىلاردىن 3 سىنىپ، ۋە LGS نىڭ 2 سىنىپىدە، جەمى 55 نەپەر ئوقۇغۇچى
3. سەفاكۆي ئانا تىل ۋە قۇرئان يەسلىسى:
4–6 ياشلىق بالىلاردىن 4 سىنىپتا، جەمى 60 نەپەر ئوقۇغۇچى
4. كونىيا شۆبىسى:
يەسلىدىن 7- سىنىپقىچە ۋە LGS سىنىپى بولۇپ ئېچىلغان 14 سىنىپتا، جەمى 60 نەپەر ئوقۇغۇچى
📖 سىنىپ سەۋىيەلىرىگە ماس ھالدا ئۆتۈلۈۋاتقان پەنلەر:
ئانا تىل، قۇرئان كەرىم، دىن ۋە ئەخلاق، ماتېماتىكا، تۈرك تىلى، ئىنگلىز تىلى، پەن بىلىملەر، تارىخ، 40 ھەدىس، گۈزەل سەنئەت، پۇتبول، ياشلار تەربىيەسى (ئوتتۇرا سەۋىيە)، ھاياتلىق بىلىملىرى.

Satuk Buğrahan İlim ve Medeniyet Vakfı’nın İstanbul ve Konya’da bulunan 4 eğitim merkezinde, 2025–2026 eğitim-öğretim yılının güz dönemi dersleri son derece keyifli ve başarılı bir şekilde tamamlanmıştır.
🔹 Bu dönemde toplam 277 öğrenci derslere katılmıştır.
🔹 Merkezlerimizde 27 öğretmen, 4 personel ve 1 aşçı olmak üzere toplam 32 kişi ile eğitim-öğretim faaliyetlerimiz düzenli olarak devam etmektedir.
🔹 Anaokulu dışındaki merkezlerimizde hafta içi, devlet okullarından dönüş sonrasında günde 3 saat ders yapılmakta; hafta sonlarında ise duruma göre bazı sınıflara daha fazla ders verilmektedir.
Merkezler ve öğrenci sayıları:
1. Sefaköy İlkokul Merkezi:
1–4. sınıflar arasındaki öğrencilerden oluşan 5 sınıf ve ayrıca Kur’an-ı Kerim sınıfı ile birlikte, toplam 102 öğrenci.
2. Sefaköy Ortaokul Merkezi:
5–7. sınıflar arasındaki öğrencilerden oluşan 3 sınıf ve LGS için 2 sınıf, toplam 55 öğrenci.
3. Sefaköy Ana Dil ve Kur’an Kreşi:
4–6 yaş arası çocuklardan oluşan 4 sınıfta, toplam 60 öğrenci.
4. Konya Şubesi:
Kreşten 7. sınıfa kadar ve ayrıca LGS sınıfı bulunan toplam 14 sınıfta, 60 öğrenci.
📖 Sınıf seviyelerine göre okutulan dersler:
Ana dil, Kur’an-ı Kerim, Din ve Ahlak, Matematik, Türkçe, İngilizce, Fen Bilimleri, Tarih, 40 Hadis, Güzel Sanatlar, Futbol, Gençlik Eğitimi (orta seviye), Hayat Bilgisi

سۇتۇق بۇغراخان كونيا شۆبىسى
سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزى
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

https://simvakfi.org/2025-2026-egitim-ogretim-yili-guz-donemi-derslerimiz-basariyla-tamamlandi/

2025-2026 ئوقۇش يىلى كۈز مەۋسۇملۇق دەرسلىرىمىز ناھايىتى كۆڭۈللۈك ھالدا داۋام قىلىۋاتىدۇ2025-2026 eğitim yılı güz dönemi ...
01/10/2025

2025-2026 ئوقۇش يىلى كۈز مەۋسۇملۇق دەرسلىرىمىز ناھايىتى كۆڭۈللۈك ھالدا داۋام قىلىۋاتىدۇ
2025-2026 eğitim yılı güz dönemi derslerimiz verimli ve düzenli bir şekilde devam etmektedir


سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسىنىڭ ئىستانبۇل (سەفاكۆي) ۋە كونىيادىكى تەلىم-تەربىيە مەركىزلىرىدە 2025–2026 يىللىق كۈز مەۋسۇملۇق دەرسلىرىمىز 8-سېنتەبىر كۈنى دۆلەت مەكتەپلىرى بىلەن تەڭ باشلىنىپ، ناھايىتى كۆڭۈللۈك ھالدا داۋام قىلىۋاتىدۇ.
🔹 بۇ مەۋسۇمدا جەمى 245 نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتىدۇ.
🔹 27 نەپەر ئوقۇتقۇچى، 4 خىزمەتچى ۋە 1 ئاشپەز بولۇپ، جەمي 32 كىشى بىلەن ئوقۇ-ئوقۇتۇشىمىز مۇنتىزىم داۋام قىلىۋاتىدۇ.
🔹 يەسلىدىن باشقا مەركەزلەردە ھەپتە ئىچىدە، دۆلەت مەكتەپلىرىدىن قايتقاندىن كېيىن كۈندە 3 سائەتلىك دەرس ئۆتىلىدۇ، ھەپتە ئاخىرىدا ئەھۋالغا قاراپ كۆپرەك دەرس بۆلۈنىدۇ.
📍 مەركەزلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار سانى:
1. سەفاكۆي باشلانغۇچ مەركىزى → 1–4-سىنىپ، 6 سىنىپ، 91 ئوقۇغۇچى
2. سەفاكۆي ئوتتۇرا مەركىزى → 5–7-سىنىپ + LGSسىنىپىدىن 2 سىنىپ، 49 ئوقۇغۇچى
3. سەفاكۆي يەسلى ۋە قىزلار قۇرئان مەركىزى 4–6 ياش، 3 سىنىپ، 45 ئوقۇغۇچى
4. كونىيا شۆبەسى يەسلىدىن 7-سىنىپقىچە + LGS سىنىپى، 60 ئوقۇغۇچى
📖 ئۆتۈلۈۋاتقان پەنلەر:
ئانا تىل، قۇرئان كەرىم، دىن ۋە ئەخلاق، ماتېماتىكا، تۈرك تىلى، ئىنگلىز تىلى، پەن بىلىملەر، تارىخ، 40 ھەدىس، گۈزەل-سەنئەت، پۇتبول ، ياشلار تەربىيەسى (ئوتتۇرا سەۋىيە)، ھاياتلىق بىلىملىرى.

Sutuk Buğrahan İlim ve Medeniyet Vakfı’nın İstanbul (Sefaköy) ve Konya’daki 4 eğitim merkezinde güz dönemi derslerimiz, 8 Eylül 2025 itibarıyla devlet okullarıyla eş zamanlı olarak başlamış ve verimli şekilde devam etmektedir.
🔹 Bu dönem toplam 245 öğrenci eğitim görmekte.
🔹 27 öğretmen, 4 Sorumlu ve 1 aşçı olmak üzere 32 görevli hizmet vermektedir.
🔹 Hafta içi dersler okuldan sonra 3 saat, hafta sonları ise daha yoğun şekilde yapılmaktadır.
📍 Merkezlerimiz:
1. Sefaköy İlkokul Merkezi → 1-4. sınıflar, 91 öğrenci
2. Sefaköy Ortaokul Merkezi → 5-7. sınıflar + LGS hazırlık, 49 öğrenci
3. Sefaköy Anaokulu ve Kızlar Kur’an Merkezi → 4-6 yaş, 45 öğrenci
4. Konya Şubesi → 1-8. sınıflar + LGS hazırlık, 60 öğrenci
📖 Dersler arasında; Ana dil, Kur’an-ı Kerim, Matematik, Türkçe, İngilizce, Fen, Tarih, Din ve Ahlak, 40 Hadis, Güzel Sanatlar, Futbol ve Gençlik Eğitimi bulunmaktadır.


سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزى
سۇتۇق بۇغراخان كونيا شۆبىسى
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

ئىستانبۇل سەفاكۆيدىكىباشلانغۇچ مەركىزىمىزدە يىڭى مەۋسۇملۇق دەرسلەر باشلاندى سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزىسۇتۇق بۇ...
11/09/2025

ئىستانبۇل سەفاكۆيدىكى
باشلانغۇچ مەركىزىمىزدە يىڭى مەۋسۇملۇق دەرسلەر باشلاندى

سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزى
سۇتۇق بۇغراخان كونيا شۆبىسى

Sefire-i Âlem Uluslararası Öğrenci Derneği’nin Vakfımıza ZiyaretiSefire-i Âlem Uluslararası Öğrenci Derneği'nden Sayın D...
25/08/2025

Sefire-i Âlem Uluslararası Öğrenci Derneği’nin Vakfımıza Ziyareti
Sefire-i Âlem Uluslararası Öğrenci Derneği'nden Sayın Derya Şama ve değerli ekibi, vakfımıza tanışma amacıyla bir ziyaret gerçekleştirmişlerdir. Ziyaret sırasında her iki taraf, kendi hizmet alanlarını kısaca tanıttıktan sonra, Uygur öğrencilerin genel durumu ve özellikle derneğin odaklandığı alan olan kız öğrencilerin yaşadığı zorluklar ile ilgili konular ele alınmıştır. Bu bağlamda, kız öğrencilerin eğitim süreçlerinde karşılaştıkları sıkıntıları gidermek ve onlara daha verimli destek sağlamak amacıyla yapılabilecek ortak çalışmalar üzerinde durulmuştur. İlerleyen süreçte, karşılıklı iş birliği çerçevesinde daha fazla ziyaret ve ortak çalışmalar yapılması temennisiyle toplantımız sonlandırılmıştır.
Kıymetli ziyaretleri için derneğimize teşekkür eder, iş birliğimizin devamını dileriz.

Sefire-i Alem
سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزى

ئۈمىد مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدىÜmit Ödülleri Töreni Düzenlendiبەش يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىپ كەلگەن ...
18/08/2025

ئۈمىد مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
Ümit Ödülleri Töreni Düzenlendi

بەش يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىپ كەلگەن «ئۈمىد مۇكاپاتى» نىڭ 5-قېتىملىقى 2025-يىلى 16-ئاۋغۇست كۈنى ئىستانبۇل شەھرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپى ۋە ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەخپى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا قۇرۇلغان بۇ مۇكاپات تۈرى، بەش يىلدىن بۇيان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتۈش ئىمتىھانى «LGS»دا يۇقىرى نتىجە قولغا كەلتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە يولغا قويۇلغان.
بۇ يىل 25 نەپەر ئوقۇغۇچى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، نۇرئىسلام خوجائوغلى 494 نومۇر بىلەن بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ، ئالما ماركىلىق مەكبۇك قول كومپيوتېرىگە ئېرىشتى.
476 نومۇر ئالغان سەيفۇللا ئىلياس ۋە 475 نومۇر ئالغان نۇرۇللاھ ئىلياس ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى ۋە ھەر بىرىگە ئاسۇس ماركىلىق قول كومپيوتېرى بېرىلدى.
463 نومۇر بىلەن ئايشە مەھمەت ئوغلى ۋە 461 نومۇر بىلەن فاتىمە تەڭرىتاغ ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى ۋە ھەر بىرىگە ئالما ماركىلىق ئايپەد مۇكاپاتى تاپشۇرۇلدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، 400 نومۇردىن يۇقىرى ئالغان 16 نەپەر ئوقۇغۇچىغا 2000 لىرا، 450 نومۇردىن يۇقىرى ئالغان 4 نەپەر ئوقۇغۇچىغا 3000 لىرا پۇل مۇكاپاتى سوغۇلدى.
مۇراسىمغا ئۆلىمالار، تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلاردىن تەشكىل تاپقان يۈزدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. قەدىرلىك مېھمانلار ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن تەبرىكلىگەندىن كېيىن، دۇئالىرى بىلەن مۇراسىمنى ئاخىرلاشتى.

Ümit Ödülleri Töreni Düzenlendi
Beş yıldır aralıksız devam eden “Ümit Ödülleri”nin 5’incisi, 16 Ağustos 2025 tarihinde İstanbul’da gerçekleştirildi.
Satuk Buğrahan İlim ve Medeniyet Vakfı, Doğu Türkistan Âlimler Birliği, Doğu Türkistan Araştırmaları Vakfı ve Uygur İlim ve Medeniyet Araştırma Vakfı’nın iş birliğiyle düzenlenen bu ödül programı, beş yıldan beri Türkiye’deki Liseye Geçiş Sınavı (LGS)’nda yüksek başarı elde eden Uygur öğrencileri teşvik etmek amacıyla uygulanıyor.
Bu yıl 25 öğrenci başvuru yaptı. Nurislam Hocaoghli, 494 puan alarak birinciliği kazandı ve ödül olarak Apple marka MacBook bilgisayarını kazandı.
Seyfullah İlyas 476 puan ve Nurullah İlyas 475 puan ile ikinciliği paylaşarak, her biri Asus marka dizüstü bilgisayar ödülü kazandı.
Ayşe Mehmetoğlu 463 puan ve Fatime Tengritagh 461 puanla üçüncülüğü elde ederek, her biri Apple marka iPad ile ödüllendirildi.
Bunların dışında, 400 puanın üzerinde alan 16 öğrenciye 2000 lira, 450 puanın üzerinde alan 4 öğrenciye ise 3000 lira nakit ödül verildi.
Törene âlimler, kurum temsilcileri, öğrenciler ve velilerden oluşan yüzü aşkın kişi katıldı. Değerli misafirler, öğrencileri tebrik ederek dualarıyla programı sonlandırdı.


سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزى
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى
@ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەخپى

18/08/2025
تەلىم-تەربىيە مەركەزلىرىمىزگە 2025-2026-يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشلاندىEğitim Merkezlerimize 2025–2026 Eğitim-Öğret...
15/08/2025

تەلىم-تەربىيە مەركەزلىرىمىزگە 2025-2026-يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشلاندى
Eğitim Merkezlerimize 2025–2026 Eğitim-Öğretim Yılı Öğrenci Kabulü Başladı

سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسىنىڭ يىللىق تەلىم – تەربىيە خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ جانلىق ھالدا داۋام قىلدۇرۇش مەقسىتىدە مەركەزلىرىمىزگە يېڭى يىللىق ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاشقا باشلاندى.
كۆپىنچە خەلقىمىزنىڭ خەۋىرى بولغىنىدەك ھازىر ۋەخپىمىزگە تەۋە خىزمەت قىلىۋاتقان 4 يەردە مەركىزىمىز بار.
1- سەفاكۆي باشلانغۇچ مەكتەپ تەلىم-تەربىيە مەركىزى.
2- سەفاكۆي ئوتتۇرا مەكتەپ تەلىم-تەربىيە مەركىزى.
3- سەفاكۆي سۇتۇق بۇغراخان- ئانا تىل ۋە قۇرئان يەسلىسى.
4- ۋەخپىمىزنىڭ كونىيا شۆبىسى تەلىم-تەربىيە مەركىزى.
بۇ مەركەزلىرىمىزدە ئېھتىياجغا قارىتا 35 ئەتراپىدا ئوقۇتقۇچى خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.
بۇ مەركەزلەردىكى ئاساسلىق مەقسىتىمىز بولسا، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ نورمالدا ئوقۇۋاتقان دۆلەت مەكتەپلىرىدىكى يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلاپ باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ھەمدەمدە بولۇش بىلەن بىرگە، ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ دىنى، ئەخلاقى تەربىيەسىنى ۋە مىللىي كىملىكىنى تېخىمۇ جانلىق ھالدا تۇتۇپ ياراملىق ئەۋلاد بولۇشقا يول ئېچىشتۇر.
شۇڭا تۈركىيەدىكى ئوقۇتۇش سىستېمىسىغا ماس ھالدا، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ياكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن مەخسۇس ئېلىنىدىغان ئىمتىھانلارغا تەييارلىق قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئايرىم سىنىپلىرىمىز مەۋجۇت بۇ ئارقىلىق بىرقانچە يىلدىن بىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭمۇ نۇقتىلىق ياخشى مەكتەپلەرگە كىرىش نىسبىتى كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئاشماقتا.
بۇنداق ياكى سەۋىيەدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەييارلىقىنى قىلدۇرۇش سىنىپلىرىمىز ھەر يىلى دەرسلىرىنى بۇرۇن باشلاپ مۇقىم ھالدا ئىمتىھان تۈگىتىپ بولغىچە سەۋرچانلىق بىلەن دەرس ۋە مۇزاكىرىلىرنى قىلىش ئۈچۈن تىزىملاشنىمۇ بۇرۇن قىلىۋاتىدۇ، دەرسلىك ماتېرىياللارغىمۇ ئەتراپتىكى پۇللۇق دەرسخانىلار قوللانغان ماتېرىياللاردىن ئەڭ ياخشى دەپ قارالغانلىرىنى قوللىنىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.
شۇڭا ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇقتۇرۇشتىكى نومۇرلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ۋاقتىدا تىزىملىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئىلاۋە:
مەركەزلىرىمىزدە يۇقىرقى تەييارلىق سىنىپلىردىن باشقا يەنە 1-سىنىپتىن 9-سىنىپقىچە بولغان ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، يېشى ۋە سەۋىيەسىگە قاراپ بۆلۈنىدۇ ۋە ئەھۋالغا قاراپ قىز -ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئايرىم سىنىپلار ئېچىلىدۇ.
ھەممەيلەنگە ئۇتۇقلۇق يار بولسۇن.

Eğitim Merkezlerimize 2025–2026 Eğitim-Öğretim Yılı Öğrenci Kabulü Başladı
Satuk Buğrahan İlim ve Medeniyet Vakfı, yıllık eğitim-öğretim hizmetlerini daha canlı ve verimli şekilde sürdürmek amacıyla yeni dönem öğrenci kayıtlarını başlatmıştır.
Merkezlerimiz:
1. Sefaköy İlkokul Eğitim Merkezi
2. Sefaköy Ortaokul Eğitim Merkezi
3. Sefaköy Satuk Buğrahan – Ana Dil ve Kur’an Anaokulu
4. Konya Şubesi Eğitim Merkezi
Bu merkezlerimizde ihtiyaca göre toplam 35 civarında öğretmen görev yapmaktadır.
Amacımız:
Uygur öğrencilerimizin devlet okullarındaki eksikliklerini gidererek, diğer öğrencilerin önüne geçmelerine ve yüksek başarılar elde etmelerine destek olmak; aynı zamanda dini ve ahlaki eğitimlerini, milli kimliklerini canlı tutarak örnek birer evlat olmalarına katkı sağlamaktır.
Özel Sınıflar:
Türkiye’deki eğitim sistemine uygun olarak, Sınavla kabul eden Proje ortaokul ya da liseye geçiş sınavlarına (LGS) hazırlık için özel sınıflarımız mevcuttur. Bu sınıflar sayesinde son yıllarda Uygur öğrencilerimizin iyi okullara giriş oranı gözle görülür şekilde artmıştır.
• Proje Ortaokula Giriş Sınavına Hazırlık
• LGS (Liseye Geçiş Sınavına) Hazırlık
Bu sınıflar derslere erken başlar, sınav bitimine kadar istikrarlı şekilde ders, tekrar ve değerlendirme yapar. Kullanılan materyaller, çevredeki ücretli dershanelerde tercih edilen en kaliteli ve güvenilir kaynaklardan seçilir.
Ek Bilgi:
Merkezlerimizde hazırlık sınıflarının yanı sıra 1. sınıftan 9. sınıfa kadar öğrenciler bulunmaktadır. Öğrenciler yaş ve seviyelerine göre gruplandırılır, gerekli durumlarda kız ve erkek öğrenciler için ayrı sınıflar açılır.
Duyuru:
Değerli velilerimizin, zamanında kayıt yaptırabilmeleri için ilanımızda belirtilen numaralarla iletişime geçmelerini tavsiye ediyoruz.
Tüm öğrencilerimize başarılar dileriz.


سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزى
سۇتۇق بۇغراخان كونيا شۆبىسى

2024-2025-يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى2024-2025 Eğitim-Öğretim Yılı Mezuniyet Töreniسۇتۇق بۇغراخان- ئاناتىل ۋە قۇرئان ...
12/08/2025

2024-2025-يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى
2024-2025 Eğitim-Öğretim Yılı Mezuniyet Töreni

سۇتۇق بۇغراخان- ئاناتىل ۋە قۇرئان يەسلىمىزدىكى بالىلارمۇ يىللىق ئوقۇشىنى ئۇتۇقلۇق ئاياغلاشتۇرۇپ تەتىلگە چىقتى.
بۇ يەردە ھەم يەسلى سىنىپلىرى ھەمدە قىزلارنىڭ قۇرئان كەرىم يادىلاش سىنىپلىرى مەۋجۇت بولۇپ، يەسلى قىسمىدا 35 بالا ۋە قۇرئان يادىلاش سىنىپىدا 25 قىز بار بولۇپ جەمى 60 ئوقۇچىمىز تەلىم ئېلىۋاتىدۇ، بۇلارغا 3 نەپەر يەسلى ئوقۇتقۇچىسى، 1 نەپەر قۇرئان ئوقۇتقۇچىسى ۋە 1 نەپەر ئاشپەز مۇنتىزىم خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
Satuk Buğrahan – Anadil ve Kur’an Anaokulu:
Anaokulumuzdaki çocuklarımız da yıllık eğitimlerini başarıyla tamamlayarak tatile çıktı. Burada hem anaokulu sınıfları hem de kız öğrenciler için Kur’an-ı Kerim ezberleme sınıfları mevcuttur. Anaokulu bölümünde 35 çocuk, hafızlık sınıfında ise 25 kız öğrenci olmak üzere toplam 60 öğrencimiz eğitim görmektedir. Bu öğrencilere 3 Anaokulu öğretmeni, 1 Kur’an öğretmeni ve 1 aşçı düzenli olarak hizmet vermektedir

سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزى
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

2024-2025-يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى2024-2025 Eğitim-Öğretim Yılı Mezuniyet Töreniسۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ...
11/08/2025

2024-2025-يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى
2024-2025 Eğitim-Öğretim Yılı Mezuniyet Töreni

سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسىنىڭ يىللىق تەلىم – تەربىيە خىزمەتلىرىنى پۈتتۈرۈش مۇناسىۋىتى بىلەن
2025-يىلى 9-ئاۋغۇست كۈنى سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزى 2024-2025-يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، بۇ مۇراسىم ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ يازلىق كۇرسىنى ئوقۇشقا ئارىيەت بېرىلگەن ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدىكى مارشال فەۋزى چاقماق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەركىزىمىزدە تەلىم ئالغان 260 تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرىدىن سىرت ئەتراپتىكى خەلقىمىز ۋە جامائەت ئەربابلىرى قاتناشتى.
پائالىيەتتە، تەلىم-تەربىيە مۇدىرلىرىدىن باشقا يەنە ۋەخپىمىزنىڭ سەفاكۆي تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە مۇقىم خىزمەت قىلىۋاتقان 24 ئوقۇتقۇچى ۋە تەتىللىك ئوقۇ-ئوقۇتۇشتا خىزمەت قىلغان 5 ئوقۇتقۇچىمىز شۇنداقلا ۋەخپىمىزنىڭ قىزلار قۇرئان كۇرسىدا قارىلىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەن 3 قىزىمىز تەقدىرنامىلەر بىلەن ئالاھىدە مۇكاپاتلاندى، شۇنداقلا ئوقۇش جەريانىدا ھەرتۈرلۈك مۇسابىقىلەردە ئۇتۇق قازانغان ئوقۇغۇچىلارمۇ تۈرلۈك تەقدىر ۋە مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.
مۇراسىم ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ تەييارلىغان ھەر خىل دىنى ۋە مىللىي نومۇرلىرىنى ئورۇندىشى شۇنداقلا بەزى چوڭلار ۋە مەسئۇللارنىڭ قىسقىچە سۆزلىرى بىلەن ناھايىتى خۇشال ۋە قىزغىن كەيپىياتتا ئاخىرلاشتى.

Satuk Buğrahan İlim ve Medeniyet Vakfı’nın yıllık eğitim-öğretim faaliyetlerinin tamamlanması münasebetiyle,
9 Ağustos 2025 tarihinde Satuk Buğrahan Eğitim Merkezi 2024-2025 Eğitim-Öğretim Yılı Mezuniyet Töreni düzenlendi.
Tören, öğrencilerimizin yaz kursu için geçici olarak tahsis edilen İstanbul Sefaköy’deki Marşal Fevzi Çakmak Ortaokulu’nda gerçekleştirildi. Merkezimizde eğitim gören 260’tan fazla öğrenci ile aileleri, çevredeki halkımız ve çeşitli sivil toplum temsilcileri etkinliğe katıldı.
Etkinlikte, eğitim müdürlerinin yanı sıra vakfımızın Sefaköy Eğitim Merkezi’nde sürekli görev yapan 24 öğretmen, sadece bu yaz tatilde ders veren 5 öğretmen ve vakfımızın kızlar Kur’an kursunda hafızlık derecesine ulaşan 3 kızımız, takdirnameler ve özel ödüllerle onurlandırıldı. Ayrıca, eğitim süresince çeşitli yarışmalarda başarı elde eden öğrenciler de farklı takdir ve ödüllere layık görüldü.
Tören, öğrencilerimizin hazırladığı çeşitli Dini ve Milli gösterilerin sunulması, bazı büyüklerin ve yetkililerin kısa konuşmaları ile son derece neşeli ve coşkulu bir atmosferde sona erdi.


خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى
سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزى

تەبرىكنامەخەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى سۈپىتىمىز بىلەن، 2025-يىلى 2-ئاۋغۇست كۈنى ئىست...
07/08/2025

تەبرىكنامە
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى سۈپىتىمىز بىلەن، 2025-يىلى 2-ئاۋغۇست كۈنى ئىستانبۇل شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي يىغىندا رەئىسلىككە سايلانغان ھۆرمەتلىك نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىينى ۋە يېڭى ئىدارە ھەيئىتى ئەزالىرىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز. خەلقىمىز ۋە ۋەتىنىمىز يولىدىكى خىزمەتلىرىگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى
07-08-2025

Tebrik Mesajı
Uluslararası Doğu Türkistan STK’lar Birliği’nin kurucu üyesi sıfatıyla, 2 Ağustos 2025 tarihinde İstanbul’da gerçekleştirilen Genel Kurulda başkanlığa seçilen Sayın Nurmuhammed Türkistani’yi ve yeni yönetim kurulu üyelerini içtenlikle tebrik ediyor, Halkımız ve Vatanımız yolundaki çalışmalarında başarılar diliyoruz.
Saygılarımızla,
Satuk Buğrahan İlim ve Medeniyet Vakfı
07.08.2025
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى
UDTSB - Uluslararası Doğu Türkistan STK'lar Birliği

تۈركىيەدە ماگىستىرلىق ياكى دوكتورلۇق سەۋىيەلىرىدە ئوقۇماقچى بولغان قېرىنداشلار مۇشۇ كۈنلەردىكى تىزىملاش ۋاقىتلىرىنى ئۆتك...
28/07/2025

تۈركىيەدە ماگىستىرلىق ياكى دوكتورلۇق سەۋىيەلىرىدە ئوقۇماقچى بولغان قېرىنداشلار مۇشۇ كۈنلەردىكى تىزىملاش ۋاقىتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ قويماڭلا، خېلى جىق مەكتەپلەر تىزىملاۋاتىدۇ ۋە بەزىسى تۈگىگىلى تۇردى، شۇڭا ئوقۇشنى نىيەت قىلغان مەكتەپلەرنىڭ ئۇقتۇرۇشلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇشۇڭلار لازىم.

مەسىلەن ماۋۇ يالوۋا ئۇنىۋېرسىتىتنىڭ ئۇقتۇرشى ئىكەن...
بۇ مەكتەپ ئىسلامى ئىلىملەر كەسپىنى ھەم تۈركچە ھەمدە ئەرەپچە (بىر تىلنى تاللاپ) ئوقۇش ئىمكانى بار دۆلەت ئۇنىۋېرسىتىتلاردىن بىرسى
ئوقۇش پۇلىمۇ خېلى ئەرزان

Yalova Üniversitesi Lisansüstü Eğitim Enstitüsüne bağlı Tezli Yüksek Lisans, Tezsiz Yüksek Lisans ve Doktora programlarında 2025-2026 Eğitim-Öğretim Yılı Güz Yarıyılı Lisansüstü Programlara Yeni Öğrenci Alımı ve Yatay Geçiş İlanı

https://lee.yalova.edu.tr/tr/Icerik/Detay/2025-2026-guz-donemi-lisansustu-programlara-ogrenci-alimi?icerikonizle=true

Address

Kemalpaşa Mahallesi 1. B**a Sokak No: 27 Daire: 4/Sefaköy/Küçükçekmece/Istanbul
Istanbul

Opening Hours

Monday 10:00 - 18:00
Tuesday 10:00 - 18:00
Wednesday 10:00 - 18:00
Thursday 10:00 - 18:00
Friday 10:00 - 18:00
Saturday 10:00 - 18:00

Telephone

+902125850177

Alerts

Be the first to know and let us send you an email when Simvakfı posts news and promotions. Your email address will not be used for any other purpose, and you can unsubscribe at any time.

Contact The Organization

Send a message to Simvakfı:

Share