ئۇيغۇر ئىلىم-مەرىپەت ۋەقپى

ئۇيغۇر ئىلىم-مەرىپەت ۋەقپى Contact information, map and directions, contact form, opening hours, services, ratings, photos, videos and announcements from ئۇيغۇر ئىلىم-مەرىپەت ۋەقپى, Charitable organisation, Selimpaşa Mh. 203. Caddesi No:30/Silivri, Istanbul.

ئۇيغۇر ئىلىم مەرىپەت ۋەخپى: ئىستانبۇل سىلىۋىرىدىكى سەلىمپاشا مەھەللىسىدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن تەلىم-تەربىيە خىزمەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي ياردەم پائالىيىتى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا.

✨ كىچىك تالانت ئىگىلىرىدىن چوڭ نەتىجە! 🎨ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ يۇرتى يازلىق تەتىىللىك ئىككىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ قولىد...
05/08/2026

✨ كىچىك تالانت ئىگىلىرىدىن چوڭ نەتىجە! 🎨
ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ يۇرتى يازلىق تەتىىللىك ئىككىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ قولىدىن چىققان، بوشلۇقنى رەڭلەرگە تولدۇرغان بۇ چىرايلىق گۈللەرگە قاراڭ! 🖌️
✨ بالىلارنىڭ قەلبىدىكى گۈزەل دۇنيا ئۆزلىرى سىزغان ھەر بىر يوپۇرماقتا، ھەر بىر رەڭدە ئۆزىنى نامايان قىلدى. كىچىك سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ قوللىرىدىن گۈل ئۇنسۇن! 👏
❤️ #رەسىم #سەنئەت #مائارىپ #ئىجادىيەت #رەڭ #بوياق #رەڭگارەڭ #ئۇيغۇر #ئوقۇغۇچى

🦋🧵بىر تال  #مىخ، بىر تال  #يىپ ۋە  #چەكسىز  #تەسەۋۋۇر! ئانىلارنىڭ قولى تېگىپ گۈللىمىگەن نېمە بار؟ «ئۇيغۇر ئىلىم مەرىپەت ...
03/08/2026

🦋🧵بىر تال #مىخ، بىر تال #يىپ ۋە #چەكسىز #تەسەۋۋۇر!
ئانىلارنىڭ قولى تېگىپ گۈللىمىگەن نېمە بار؟
«ئۇيغۇر ئىلىم مەرىپەت ۋەخپى»دە ئانىلار ئۈچۈن ئاچقان «مىخ ۋە يىپ سەنئىتى» كۇرسىمىزدا قىسقىغىچە ئىككى ئاي ئىچىدە بىر بىرىدىن چىرايلىق ئەسەرلەر پۈتۈپ چىقىۋاتىدۇ...💫
رەسىمدىكى بۇ چىرايلىق ئىشلار ئانىلارنىڭ زېھىن قويۇپ، ھەر بىر مىخنى مېھىر بىلەن قېقىپ، ھەر بىر يىپنى سەۋىر بىلەن تاللاپ چىققان ئىجادىيىتىدۇر. بۇ كۇرس ئانىلارغا پەقەت بىر ھۈنەرلا ئەمەس، بەلكى زېھنىنى ئارام ئالدۇرىدىغان، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ۋە ئىجادىيەتتىن ھۇزۇرلىنىدىغان بىر سورۇن #ھەدىيە قىلدى.🌹

🌟 ئۇيغۇر ئىلىم-مەرىپەت ۋەخپىدە يازلىق تەتىل ناھايىتى مەنىلىك ئۆتمەكتە! 🌟سىلىمپاشادىكى پەرزەنتلىرىمىزنىڭ تەتىللىك تۇرمۇشى...
24/07/2026

🌟 ئۇيغۇر ئىلىم-مەرىپەت ۋەخپىدە يازلىق تەتىل ناھايىتى مەنىلىك ئۆتمەكتە! 🌟
سىلىمپاشادىكى پەرزەنتلىرىمىزنىڭ تەتىللىك تۇرمۇشىنى بېيىتىش مەقسىتىدە، ۋەخپىمىزدە 7-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان يازلىق تەتىللىك كۇرسىمىز مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.
ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەقلىي ۋە روھىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك كۆپ خىللاشقان دەرسلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى: 📖 قۇرئان كەرىم ۋە قارىيلىق✍️ ئانا تىل (ئۇيغۇر تىلى)🕌 ئەقىدە ۋە ھەدىس📐 ماتېماتىكا🌍 ئىنگلىز تىلى ۋە تۈرك تىلى💻 كومپيۇتېر ساۋادى🎒 بىرىنچى سىنىپقا تەييارلىق...
⏰ئوقۇغۇچىلىرىمىز ھەپتىدە 6 كۈن، ھەر كۈنى 6 سائەتتىن تولۇق غەيرەت بىلەن ئۆگىنىش قىلماقتا...

21/07/2026

بۇغدايلىقتىن داستىخانغىچە - ناننىڭ ھېكايىسى
#نان #ئۇيغۇر #داستىخان #مەدەنىيەت #ئەنئەنە #ھېكايە #ناۋاي #تونۇر #بۇغداي

🏆  #چىمپىيونلار يەنە كەلدى! 📚«ئوقۇ ئۇيغۇر» مەكتىپىمىزدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىزدىن، ئىيۇن ئېيىدىكى كىتاب ئوقۇش پائالى...
18/07/2026

🏆 #چىمپىيونلار يەنە كەلدى! 📚
«ئوقۇ ئۇيغۇر» مەكتىپىمىزدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىزدىن، ئىيۇن ئېيىدىكى كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىمىزدە ئەڭ كۆپ ۋە ئىزچىل ئانا تىل كىتاب، قۇرئان ئوقۇغان چىمپىيونلىرىمىز بۈگۈن مۇكاپاتلىرىنى تاپشۇرۇۋالدى! 🏆
يازلىق تەتىلدە يۇقىرى تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، كىتاب ئوقۇشنى ھەرگىز توختاتمىغان بارلىق ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا ئاپىرىن! 🤩
📚 كىتاب ئوقۇشنى گۈزەل بىر ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ، بىلىم دېڭىزىدا توختىماي ئۈزۈڭلار! 🐬
🤲 ئاللاھ ئىلمىڭلارنى زىيادە، زېھنىڭلارنى تېخىمۇ ئوچۇق قىلسۇن! 💪
بۇ جەرياندا بالىلىرىنى ئىزچىل قوللاپ، ئۇلارغا توغرا يۆنىلىش ۋە رىغبەت بېرىپ كېلىۋاتقان بارلىق پىداكار ئاتا-ئانىلارغىمۇ كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز! 🌹

🤝 كانادادىكى تۈرك ئەلچىخانىسى دىنىي ئىشلار مەسئۇلى ۋە تۈرك دۇنياسى جەمئىيىتى رەئىسى ۋەخپىمىزنى زىيارەت قىلدىتۈنۈگۈن، كان...
10/07/2026

🤝 كانادادىكى تۈرك ئەلچىخانىسى دىنىي ئىشلار مەسئۇلى ۋە تۈرك دۇنياسى جەمئىيىتى رەئىسى ۋەخپىمىزنى زىيارەت قىلدى

تۈنۈگۈن، كانادادىكى تۈرك ئەلچىخانىسىنىڭ دىنىي ئىشلار مەسئۇلى مۇستافا سەلىم يىلماز ئەپەندى ۋە تۈركىيە تۈرك دۇنياسى جەمئىيىتى رەئىسى خالىت كاناك ئەپەندى ۋەخپىمىزنى زىيارەت قىلدى.

مېھمانلارنى ۋەخپىمىزنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى ۋەخپە مەركىزىدە قىزغىن كۈتۈۋالدى.

ئۇچرىشىش جەريانىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر، ۋەخپىمىزنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى، مائارىپ ۋە ئىجتىمائىي ساھەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرى، شۇنداقلا كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانلىرىمىز مېھمانلارغا تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى.

ئاندىن، مېھمانلار ۋەخپە مەركىزىمىز، مەكتىپىمىز، يېڭىدىن قۇرۇلغان ئۇيغۇر مەھەللىسى ۋە ۋەخپىمىز تەسىس قىلغان زاۋۇت-ئاتوليەلەرنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلىپ، ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەرنى يېقىندىن كۆزدىن كەچۈردى.

زىيارەت ئاخىرىدا، مېھمانلار ۋەخپىمىزنىڭ مائارىپ، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ۋە جامائەت قۇرۇلۇشىدىكى تىرىشچانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، كەلگۈسىدە ئۆزئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا دەسلەپكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ باردى.

بىز بۇ قىممەتلىك زىيارەتنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مائارىپ ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا يېڭى پۇرسەتلەرنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

🤲 ئاللاھ تائالا بارلىق خەيرلىك ھەمكارلىقلارغا بەرىكەت ئاتا قىلسۇن.

18/06/2026

بىر قۇياش | БИР ҚУЯШ | Bir Quyash
#پەيغەمبەر #ئىسلام #قۇياش #مۇسۇلمان #بالىلار #نەشىد #ئۇيغۇر #ئۇيغۇرچە

15/06/2026

كائىنات يارىتىلغاندىن بېرى يۈزبەرگەن ئەڭ ئۇلۇغ ئىش...

🌟 مەكتىپىمىزدە يەنە بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوقۇش يىلى ئاخىرلاشتى! 🌟ئاللاھقا ھەمدۇسانا بولسۇنكى، مەكتىپىمىز بىر يىللىق قاينا...
14/06/2026

🌟 مەكتىپىمىزدە يەنە بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوقۇش يىلى ئاخىرلاشتى! 🌟
ئاللاھقا ھەمدۇسانا بولسۇنكى، مەكتىپىمىز بىر يىللىق قاينام-تاشقىنلىق، بەرىكەتلىك ۋە نۇرلۇق ئوقۇش مۇساپىسىنى غەلىبىلىك تاماملىدى! 🎓✨
بۇ بىر يىل جەريانىدا ئوقۇغۇچىلىرىمىز پەقەت بىلىم ئېلىپلا قالماي، ئەخلاق، ئەقىل ۋە ئىقتىدار جەھەتتىنمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ يېتىلدى. ئەنە شۇ جاپالىق ئۆگىنىش مۇساپىسىدە ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن 19 ئوقۇغۇچىمىزنى مەكتىپىمىز تەرىپىدىن ئالاھىدە مۇكاپاتلىدۇق! 🏆🎁
بۇ نەتىجە پەقەت ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭلا ئەمەس، بەلكى:
🌸 كېچە-كۈندۈز دېمەي، ھەر بىر بالىنىڭ قەلبىگە بىلىم ۋە ئەخلاق ئۇرۇقىنى چاچقان پىداكار ئۇستاز-مۇئەللىملىرىمىزنىڭ،
🏡 مەكتىپىمىز بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيەسىگە كۆڭۈل بۆلگەن قەدىرلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ ئورتاق مېۋىسىدۇر.
مۇكاپاتلانغان 19 نەپەر ياش غۇنچىمىزنى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى چىن قەلبىمىزدىن تەبرىكلەيمىز! ئاللاھ تائالا بالىلىرىمىزنىڭ زېھنىنى تېخىمۇ ئوچۇق، كېلەچىكىنى نۇرلۇق قىلسۇن. دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىك بىلىملەر بىلەن جەمئىيىتىمىزگە پايدىلىق ياشلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىنى نېسىپ ئەيلىسۇن. 🤲✨
يېڭى ئوقۇش يىللىرىدا تېخىمۇ كۆپ بالىلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق نەتىجە سەھنىلىرىدىن ئورۇن ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بارلىق ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا گۈزەل ۋە كۆڭۈللۈك تەتىل (يازلىق تەتىل) تىلەيمىز! 🎉🎈
#مەكتەپ #ئوقۇش #مۇكاپاتلاش #نەتىجە #مائارىپ #مۇۋەپپەقىيەت

Address

Selimpaşa Mh. 203. Caddesi No:30/Silivri
Istanbul

Opening Hours

Monday 09:00 - 18:00
Tuesday 09:00 - 18:00
Wednesday 09:00 - 18:00
Thursday 09:00 - 18:00
Friday 09:00 - 18:00
Saturday 09:00 - 18:00

Telephone

+905416339577

Alerts

Be the first to know and let us send you an email when ئۇيغۇر ئىلىم-مەرىپەت ۋەقپى posts news and promotions. Your email address will not be used for any other purpose, and you can unsubscribe at any time.

Contact The Organization

Send a message to ئۇيغۇر ئىلىم-مەرىپەت ۋەقپى:

Shortcuts

Share