06/07/2026
Distinguished friends, advocates for human rights, and members of the international community,
Today is a solemn anniversary for the people of East Turkistan. Seventeen years ago, on July 5, 2009, the streets of Urumchi ran with the blood of peaceful Uyghur demonstrators. What began as a cry for basic human rights and accountability was met with state-sponsored violence, mass arrests, and enforced disappearances.
The Urumchi Massacre was not an isolated incident; it was a dark turning point. It laid the structural groundwork for the systematic horrors we witness today. This month, the ongoing genocide against Uyghurs, Kazakhs, Kyrgyz, and other Turkic peoples enters its 13th agonizing year.
For over a decade, the global community has relied on traditional human rights frameworks to halt this catastrophe. We must look at the reality of those efforts with absolute candor:
The UN Office of the High Commissioner for Human Rights stated that these abuses "may constitute crimes against humanity."
The United States and a dozen Western parliaments including the Canada Parliament have formally recognized these atrocities as a genocide.
Despite four separate submissions of evidence since 2020, the International Criminal Court has failed to open a formal investigation.
While the international community debates definitions, the human toll escalates.
Mass internment, forced sterilization, organ harvesting, and the forced separation of nearly one million children from their families continue unabated.
Beijing’s forced labor transfers have exceeded even their own state projections, leading UN Special Rapporteurs in January of this year to warn that these practices "may amount to enslavement as a crime against humanity."
The root cause is colonial occupation. We must call this crisis by its true name. This genocide is not merely a domestic human rights violation; it is the brutal symptom of a 76-year colonial occupation.
When the Chinese invasion forces entered East Turkistan in late 1949, they occupied a functioning, independent state—the East Turkistan Republic. There was no treaty of cession, no plebiscite, and no democratic consent.
In the decades since, state-backed demographic engineering has systematically reduced the native Turkic population from over 92 percent to roughly 55 percent.
Just months ago, on March 12, 2026, the Chinese National People’s Congress adopted the so-called “Law on Promoting Ethnic Unity and Progress.” This law is nothing less than the legislative erasure of a distinct identity, forcing millions into a singular, state-mandated mold.
As the East Turkistan Government-in-Exile’s historic May 2026 petition to the United Nations declares: The era of colonialism has not ended. It is being legislated.
Because the standard human rights mechanisms have failed to stop the atrocities, we must shift the paradigm. On May 5, 2026, a formal petition was submitted to the UN Special Committee on Decolonization (C-24). Today, standing outside the Alberta Legislature, we echo those demands and call upon Canada, democratic nations, and the United Nations to take four immediate actions:
1. We demand immediate, transparent accountability for the July 5, 2009 Urumchi Massacre and all subsequent crimes against humanity.
2. We call on the UN General Assembly to formally designate the People's Republic of China as an occupying power and recognize East Turkistan as a Non-Self-Governing Territory.
3. We demand an immediate end to state-sponsored genocide, mass internment, forced labor transfers, and colonial rule.
4. We invoke the UN Declaration on the Granting of Independence to Colonial Countries and Peoples. The international community must address China’s conflict of interest as a permanent Security Council member and fulfill its obligation to oversee a path toward true self-determination.
More than eighty nations achieved their independence and secured their survival through the UN decolonization framework. The peoples of East Turkistan possess that very same inalienable right.
To the international community, we say: silence is complicity, and half-measures are an endorsement of the status quo. Human rights cannot exist under the boot of colonial occupation. Decolonization and the restoration of East Turkistan's independence is the only effective guarantee of survival, security, and lasting justice.
Thank you.
Prime Minister's Office of East Turkistan Government in Exile
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم قېرىنداشلار، ھۆرمەتلىك دوستلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرى،
بىز بۈگۈن بىر ماتەملىك خاتىرە كۈنىدە جەم بولۇپ تۇرۇۋاتىمىز. بۇنىڭدىن 17 يىل ئىلگىرى، يەنى 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى، ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا تىنچلىق بىلەن نامايىش قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ قېنى ناھەق ۋە بىھۇدە ئاقتى، يەنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىگۇناھ خەلقنى قىرغىن قىلدى . ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتە قىلىش بىلەن باشلانغان بۇ چاقىرىق خارېكتىرلىق نامايىش، دۆلەت تېررورى ۋە دۆلەت زوراۋانلىقى بىلەن ئاخىرلاشتى، مىڭلارچە ئىنساننى قولغا ئېلىش ۋە مىڭلارچىسىنى يوق قىلىۋېتىشلەر بىلەن باستۇرۇلدى.
ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ئاددىي بىر ۋەقە ئەمەس، بەلكى ئۇ بىر قاراڭغۇ بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئىدى. ئۇ بۈگۈن بىز شاھىت بولۇۋاتقان سىستېمىلىق قىرغىنچىلىقلارنىڭ قۇرۇلمىلىق ئاساسىنى سالدى.
بۇ ئايدا، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارىتىلغان ۋە داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېچىنىشلىق ھالدا 13-يىلىغا قەدەم قويدى.
17يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ پاجىئەنى توختىتىش ئۈچۈن ئەنئەنىۋى كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىلىرىغا تايىنىپ كەلدى، ئەمما بۇ تىرىشچانلىق ئاقمىدى، چۈنكى خىتاي ئىمپىرىيىسى بۇنداق ئەنئەنىۋىي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش سېستىمىلىرىنى ئالداپ كۆنۈپ كەتكەن بىر ئىمپىرىيە ئىدى ۋە ئەنئەنىۋىي ھىلىگەرلىكى بىلەن ھەممىنى ئالدىيالايدىغان بىر ھىلىگەر دۆلەت ئىدى.
بىز بۇ پاسسىپ تىرىشچانلىقلارنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا مۇتلەق سەمىمىيلىك بىلەن قاراپ چىقىشىمىز كېرەك:
بۇ قىرغىنچىلىق ئېتىراپ قىلىندى، لېكىن تەكشۈرۈلمىدى
ب د ت يۇقىرى دەرىجىلىك كىشىلىك ھوقۇق كومىسارلىقى بۇ دەپسەنچىلىكلەرنىڭ "ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى" ئوتتۇرىغا قويدى، لېكىن ھېچكىم تەكشۈرمىدى، مانا بۇ بىر پاسسىپلىق ۋە يېتەرسىزلىك.
بۇ قىرغىنچىلىق ئېتىراپ قىلىندى، لېكىن توختىتىلمىدى:
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە كانادا پارلامېنتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون نەچچە غەرب پارلامېنتلىرى بۇ ۋەھشىلىكلەرنى رەسمىي تەرىقىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇدى، ئەمما ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىدى ۋە ھەرىكەتكە ئۆتمىدى، مانا بۇمۇ بىر پاسسىپلىق ۋە يېتەرسىزلىك.
توختۇتۇپ قويۇلغان ئادالەت: مەسىلە خىتايغا كەلگەندە ئادالەت توختۇتۇپ قويۇلدى،
2020-يىلىدىن بۇيان تۆت قېتىم ئايرىم-ئايرىم دەلىل-ئىسپاتلار سۇنۇلغان بولسىمۇ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى رەسمىي تەكشۈرۈش ئېچىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى، مانا بۇمۇ بىر پاسسىپلىق ۋە يېتەرسىزلىك.
بۇ ھەقتە خەلقئارا ئادالەت قۇرۇلمىلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ھەققىدىكى ئېنىقلىمىلار ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىۋاتقاندا، شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانىيەت قۇربانلىرى تېخىمۇ كۆپەيمەكتە ئىدى ۋە سانسىز شەرقى تۈركىستانلىق ئىنسانلار ئۆلتۈرۈلمەكتە ئىدى.
تۈركۈملەپ لاگېرلارغا قاماش، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش، ئەزا ئەتكەسچىلىكى ۋە بىر مىليونغا يېقىن بالىنى ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىش ھېچقانداق تۆۋەنلىمەي داۋاملاشماقتا ئىدى. بېيجىڭنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە يۆتكەش پىلانى ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت مۆلچەرىدىن ئېشىپ كەتتى، بۇ ئەھۋال بۇ يىلنىڭ يانۋار ئېيىدا ب د ت نىڭ ئالاھىدە دوكلاتچىلىرىنى بۇنداق قىلمىشلارنىڭ "قۇللۇققا سېلىش سۈپىتىدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ھېسابلىنىشى مۇمكىنلىكى" ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشكە مەجبۇر قىلدى.
شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تۈپ يىلتىزى — خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئىشغالىيىتىدۇر ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پۇلنى دەپ ئارىلاشماي تۇرۇۋېلىشىدۇر ۋە كۆرمەسكە سېلىشىدۇر.
بىز بۇ كىرىزىسنى ئۆز نامى بىلەن ئاتىشىمىز كېرەك. بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق پەقەت بىر دۆلەت ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىلا ئەمەس، بەلكى ئۇ 76 يىللىق خىتاي مۇستەملىكىچىلىكى ۋە ئىشغالىيىتىنىڭ ۋەھشىي نەتىجىسىدۇر.
خىتاي تاجاۋۇزچى ئارمىيەسى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستانغا كىرگەندە، مۇستەقىل، پائال بىر دۆلەتنى — يەنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئىشغال قىلغان ئىدى. ئۇ يەردە ھېچقانداق بىر زېمىن ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى، ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىشى ياكى دېموكراتىك رازىلىق بولغان ئەمەس.
شۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا، دۆلەت پىلانلىغان نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش سىياسىتى يەرلىك تۈركىي نوپۇسنى سىستېمىلىق ھالدا 95 پىرسەنتتىن كۆپرەك ئورۇندىن تەخمىنەن 55 پىرسەنتكە چۈشۈرۈپ قويدى. يېقىنقى ئايلاردا، يەنى 2026-يىلى 12-مارتتا، خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى" دەپ ئاتالغان قانۇننى قوبۇل قىلدى. بۇ قانۇن روشەن بىر كىملىكنى قانۇنلۇق ھالدا يوقىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئۇ مىليونلىغان ئادەمنى دۆلەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن بىر خىل قېلىپقا كىرىشكە مەجبۇرلايدۇ.
شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ 2026-يىلى ماي ئېيىدىكى ب د ت غا سۇنغان تارىخىي ئىلتىماسىدا بايان قىلىنغىنىدەك: مۇستەملىكىچىلىك دەۋرى تېخى ئاخىرلاشمىدى، بەلكى ئۇ مۇستەملىكىچىلىك قانۇن ئارقىلىق يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ.
خەلقئارا جەمئىيەتكە قويىدىغان تەلىپىمىز
نورمال كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزملىرى ۋەھشىلىكلەرنى توختىتىشتا مەغلۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن، بىز ئەندىزىنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك.
2026-يىلى 5-مايدا، ب د ت نىڭ مۇستەملىكىچىلىكنى تۈگىتىش ئالاھىدە كومىتېتىغا (C-24) رەسمىي بىر ئىلتىماس سۇنۇلدى. بۈگۈن، ئالبېرتا پارلامېنتىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، بىز شۇ تەلەپلەرنى تەكرارلايمىز ۋە كانادا، دېموكراتىك دۆلەتلەر، ھەم ب د ت نى دەرھال تۆت تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرىمىز:
1. جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلىمىز
بىز 2009-يىلى 5-ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى بارلىق ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ئۈچۈن خىتاي ھاكىمىيىتىنى دەرھال، ئاشكارە جاۋاپكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلىمىز.
2. ئىشغالىيەتنى ئېتىراپ قىلىپ ھەرىكەتكە ئۆتۈش
بىز ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنى خىتاي ئىمپىرىيىسىنى رەسمىي تەرىقىدە ئىشغالىيەتچى كۈچ دەپ بېكىتىشكە ۋە شەرقىي تۈركىستاننى ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش ھۇقۇقىدىن مەھرۇق قىلىنغان زېمىن دەپ تونۇشقا چاقىرىمىز.
3. مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە سىنپىي يوقىتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇش
بىز دۆلەت پىلانلىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دۆلەت تېررورى، توپلاپ لاگېرلارغا قاماش، مەجبۇرىي يۆتكەپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، شۇنداقلا مۇستەملىكىچىلىك تۈزۈمىنىڭ دەرھال ئاخىرلىشىشىنى تەلەپ قىلىمىز.
4. مۇستەملىكىچىلىكنى تۈگىتىش سىستېمىسىنى يولغا قويۇش
بىز ب د ت نىڭ "مۇستەملىكە دۆلەتلەر ۋە خەلقلەرگە مۇستەقىللىق بېرىش توغرىسىدىكى خىتابنامىسى"نى ئىشقا سېلىشنى تەلەپ قىلىمىز.
خەلقئارا جەمئىيەت، خىتاينىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇش سۈپىتىنى قوللۇنۇپ، مەنپەئەت نامىدا ئادالەتكە توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتىنى ھەل قىلىشى ۋە ھەقىقىي ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش يولىغا نازارەتچىلىك قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
سەككىز ئوندىن ئارتۇق مىللەت ب د ت نىڭ مۇستەملىكىچىلىكنى تۈگىتىش سىستېمىسى ئارقىلىق ئۆز مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈردى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىمۇ ئەنە شۇنداق دەخلى-تەرۇز قىلىشقا بولمايدىغان ھوقۇققا ئىگە.
خەلقئارا جەمئىيەتكە شۇنى ئېيتىمىزكى: سۈكۈت قىلىش — جىنايەتكە شېرىك بولۇشتۇر، يېرىم-ياتا كۆڭۈل بۆلۈشلەر بولسا ھازىرقى ئەھۋالنى قوللىغانلىقتۇر.
كىشىلىك ھوقۇق، مۇستەملىكىچىلىك ۋە ئىشغالىيەتنىڭ ئايىغى ئاستىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن مۇستەملىكىچىلىكنى تۈگىتىش ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش — مەۋجۇتلۇق، بىخەتەرلىك ۋە دائىمىي ئادالەتنىڭ بىردىنبىر ئۈنۈملۈك كاپالىتىدۇر.
بىزنى تىڭشىغان ۋە قوللىغانلارغا رەھمەت.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى باش مىنىستىر ئىشخانىسى 2026