01/08/2026
ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئەتنىڭ قارارى
قارار No 28072026/01
ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەپتىش ھەيئەت ۋە دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرى تۆۋەندىكىدەك قارار چىقىرىدۇ:
ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ داۋاملىشىۋاتقان جەمئىيەت ئومۇمىي سايلىمىنى 2021-يىلى 31- ئۆكتەبىر مۇۋپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، جەمئىيەتنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك دائىمىي ھەيئەتلىرى ۋە جەمئىيەت رەئىسىنى دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلاپ چىققان ئىدى. شۇ قېتىمقى سايلامدا ماھىرە ئەيسا جەمئىيەتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. شۇ سايلام كۈنىدە ماھىرە ئەيسا، ئەگەر ئۆزى رەئىس بولۇپ سايلانسا ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن پىداكدرلىق بىلەن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. لېكىن بۈگۈنگىچە شۇ ۋەدىسىنىڭ ھىچ قايسىسىغا ئەمەل قىلمايلا قالماستىن، ئەكسىچە جەمئىيەتنىڭ نىزامنامىسىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، كۆپ خاتالىقلارنى سادىر قىلدى، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1- ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى نىزامنامىسىدا «جەمئىيەت رەئىسى ھەر 6 ئايدا بىر قېتىم جەمئىيەت مالىيەسى ھەققىدە دوكلات بېرىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، 2024 يىلى 31-ئۆكتەبىردىن بۈگۈنگىچە جەمئىيەتنىڭ خەيرى-ساخاۋەت پۇللىرىنى يىغىش ۋە تاپشۇرۇپ ئېلىش ھەققىدە بىر قېتىممۇ دوكلات بەرمىگەن.
2-ئۆز خاھىشى بويىچە جەمئىيەتنىڭ ۋەكىللىرىنى ۋە ئەنگلىيە خەيرى-ساخاۋەت ئىشەنچ ۋاكالەتچىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ياكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ۋە يېڭى ۋاكالەتچىلەرنى تەيىنلەشنى ئۆز بېشىچە بېكىتىش ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ نىزامنامىسىدا كۆرسىتىلگەن دېموكراتىك پرىنسىپلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان.
3-جەمئىيەت رەئىسى ئۆزىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى ۋە ۋەزىپىدىكى لاياقەتسىزلىكى سەۋەبىدىن ئەنگلىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى جەمئىيەتكە توپلاپ ئەنگلىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىك، باراۋەرلىك ۋە قېرىنداشلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ ئورنىغا، جەمئىيەت دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ئىش ئېلىپ بارماي، ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدە پىتنە-پاسات ۋە بۆلىنىش پەيدا قىلىش ئارقىلىق ھەرخىل گوروھلارنىڭ شەكىللىنىشىگە يول ئاچقان. ئەنگلىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جامائەت بىرلىكى، ئىتتىپاقلىغىنىڭ ئېغىر بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
4- ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى 2005-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىكى جەمىيىتىنىڭ نىزامنامىسى ۋە 2019-يىلى قايتىدىن يېڭىلانغان جەمئىيەت نىزامنامىسى بويىچە مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن رەسمى قانۇنلۇق نامى «ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» (The UK Uyghur Community) بولۇپ، جەمئىيەت رەئىسى ماھىرە ئەيسا 2023-يىلى جەمئىيەت ئىدارە ھەيئەتلىرى ۋە بارلىق ئەزالارنىڭ ماقۇللىغىنى ئالماستىن، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ جەمئىيەت نامىنى قانۇنسىز ھالدا «بىرتانىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» گە ئۆزگەرتىۋەتكەن.
5-ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ نىزامنامىسى بويىچە «سايلانغان جەمئىيەت رەئىسنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 3 يىل قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، ھەر 3 يىلدا جەمئىيەت نامىدىن مەخسۇس سايلام كومىتېتى تەشكىللەپ، جەمئىيەتنىڭ رەئىس ۋە ئىدارە ھەيئەتلەرنى دېموكراتىك ئۇسۇلدا ھەممە ئەزالارنىڭ قاتنىشىشى ۋە ئاۋاز بېرىشى بىلەن ئومۇمى سايلام ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن ئەمما 2024-يىلى10-نويابىر كۈنى جەمئىيەت «سايلام كومىتېتى» تەشكىللىمىگەن ۋە بىردىن ئارتۇق رەئىسلىك سايلام نامزاتى كۆرسىتىلمىگەن ھەم جەمئىيەت ئىدارە ھەيئەتلىرى، بارلىق ئەزالار قاتناشمىغان ھالدا 8 ئادەم بىلەن جەمئىيەتنىڭ سايلىمىنى ئېلىپ بارغان. شۇ ۋاقىتتا جەمئىيەتنىڭ ھەيئىتى «سايلام كومىتېتى قۇرۇلمىغان، بىردىن ئارتۇق رەئىس نامراتلىقى بولمىغان ھەم بارلىق جەمئىيەت ئەزالىرى قاتناشمىغان ھالدا سايلام ئۆتكۈزۈشنىڭ جەمئىيەت نىزامنامىسىغا خىلاپ ۋە قانۇنسىز» بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، سايلامنىڭ بارلىق شەرتلىرىنى ھازىرلاپ ئاندىن سايلام ئۆتكۈزۇش تەكلىپىنى بەرگەن بولسىمۇ، تەپتىشنىڭ بۇ تەلىپى قوپاللىق بىلەن رەت قىلىنغان، شۇ سەۋەپتىن جەمئىيەتنىڭ تەپتىشى بۇ ساختا سايلامغا قاتناشماي چىقىپ كەتكەن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي 8 ئادەم قاتناشقان بىر ساختا سايلام ئورۇنلاشتۇرۇپ، ماھىرە ئەيسا ئۆزىنى قايتا رەئىس قىلىۋالغان. يوقۇرقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ماھىرە ئەيسانىڭ قەستەنلىك بىلەن جەمىيەتنىڭ نىزامنانىسىنى ۋە سايلام بەلگىلىمىلىرىنى ئېغىر بۇزغانلىقى، دىموكىراتىك سايلام قائىدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى، تەپتىش ھەيئىتى ۋە بارلىق جەمىيەت ئەزالىرى ماھىرە ئەيسانىڭ 2024-يىلى نويابىر ئېيىدىن بۇيانقى قانۇنسىز ۋە ئاتاقتىكى ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ رەئىسلىك سالاھىيىتىنى بىكار قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇ ئۆزى ئۆزگەرتىۋالغان جەمىيەت نامى ئېتىراپ قىلمايدۇ.
6-ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى تەرپىدىن بېرىلگەن جەمىيەتنىڭ خەيرى-ساخاۋەت ئىمتىيازىنى خاللىغانچە سۇيئىسىمال قىلىپ، 2024-يىلى 31-ئۆكتەبىردىن تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە جەمىيەتنىڭ مالىيە ھىسابىدىن دوكلات بەرمىگەن ۋە جەمىيەتنىڭ مالىيەسىنى قىزىل رەقەمگە چۈشۈرۈپ، جەمىيەت ئىقتىسادىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغان.
7-جامائەتنىڭ ئارىسىغا دائىم زىدىيەت پەيدا قىلىش ئارقىلىق، گۈللىنىپ ۋە كۈچلىنىپ كىلىۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ۋە جەمىيەتنى ۋەيران قىلىپ، جەمىيەتتە ناھايىتى يامان تەسىر پەيدا قلغان.
8- ھەيئەتلەرنىڭ بەرگەن تەكلىپ ۋە مەسلىھەتلىرىنى ئاڭلىمىغان، بىرلىكتە مەسلىھەت قىلىپ كوللىكتىپ ئىش ئېلىپ بارماي، جەمىيەتنىڭ ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئاساسلىق پىرىنسىپلىرىدىن چەتنىگەن ۋە باشقا تەشكىلتلارغا جەمىيەت ئىدارە ھەيئەتلىرىنىڭ تەستىقىسىز ئەزا بولۇپ قاتناشقان.
9-جەمىيەتنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرى ئېلان قىلىنىپ كېلىۋاتقان رەسمى تور سەھىپىسىنى يوق قىلغان.
10-ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ تارمىقىدىكى «ئانا تىل مەكتىپى» نى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان.
11-يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەر بويىچە جەمىيەتنىڭ باش تەپتىشى، مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئىدارە ھەيئەتلىرى بىر قانچە قېتىم «ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىكى زىدىيەتلەرنى توغرا ھەل قىلىش ۋە جەمئىيەت مالىيە ھېساباتىنى ۋاقتىدا بېرىش ئارقىلىق جامائەتنىڭ جەمىيەتكە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش» ھەققىدە تەكلىپ ۋە دەۋەتلەرنى قىلغان بولسىمۇ قوپاللىق بىلەن رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ جاھىللىقىدا چىڭ تۇرغان ۋە جەمىيەتنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان. بۇ ھەقتە تەكرار ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن بولسىمۇ، خاتالىقىنى تۈزۈتۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، جاھىللىقىدا چىڭ تۇرۇپ، جەمىيەتنىڭ نورمال خىزمەت ئېلىپ بېرىشغا تۈرلۈك توسقۇنلۇقلارنى پەيدا قىلغان.
12-تەشكىلاتنىڭ تەپتىشىنى، مۇئاۋىن رەئىسىنى، بۇغالتېرىنى، ئاخبارات مەسئۇلىنى، مەسلىھەتچىلىرىنى، مەكتەپنىڭ بەزى مۇئەللىملىرىنى، خەير-ساخاۋەت ئىشەنچ ۋاكالەتچىلىرىنى خالىغانچە ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، خالىغانچە باشقا كىشىلەرنى تەيىنلىگەن. ماھىرە ئەيسا ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ۋە جامائىتىگە ئورنىنى تولدۇرغۇسىز ئېغىر زىيانلارنى سالغان. نەتىجىدە- ئۇنىڭ ئەنگلىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىشىپ، ئىناق ۋە ئوم جامائەت بولۇپ تەشكىللىنىشىگە توسالغۇلۇق قىلىشى سەۋەبىدىن، ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ لاياقەتسىز، ئىقتىدارسىز ۋە سىياسەت بىلمەيدىغان بىر رەئىسى بولۇپ قالغان. چۈنكى ماھىرە ئەيسا ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ رەئىسى بولغاندىن بۇيان جەمئىيەت ئارقىغا چېكىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا جەمئىيەتنىڭ ئىسمى بار جىسمى يوق، ئۆلۈك ۋە قۇرۇق ئاتاقتىكى بىر تەشكىلاتقا ئايلاندى. تەشكىلات ئىقتىسادى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ھەتتا بىرەر پائالىيەتمۇ ئۆتكۈزەلمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان.
مۇھاجىرەتتىكى بىر تەشكىلات ساختىپەزلىك، جامائەتنى كۆزگە ئىلماسلىق، جامائەت ئارىسىدا ئۆچ-ئاداۋەت پەيدا قىلىش ۋە بىر قىسىم كىشىلەرنى قەستەنلىك بىلەن چەتكە قېقىش بىلەن ھەرگىزمۇ تەرەققى قىلمايدۇ، ئەكسىچە جامائەتكە راستچىل بولۇش، سەمىمى بولۇش، مەسئۇلىيەتچان بولۇش، كۆيۈنۈش، جەمئىيەتنىڭ ۋە جامائەتنىڭ غېمىنى يېيىش، يېڭى كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرغا ئەمەلىي ياردەملەردە بولۇش، جامائەتنىڭ دەردىنى ئاڭلاش، دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا ھەر جەھەتتىن ئۇچۇق بولۇش، جامائەتنىڭ ئىچىگە كىرىپ پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلىش، مەسىلىنى يۈزتۇرانە-چىرايلىق سۆزلىشىش ۋە ھەل قىلىش بىلەن تەرەققى قىلىدۇ ۋە گۈللىنىدۇ.
ماھىرە ئەيسا ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ 2021-يىلى 31-سېنتەبىر ۋە 2024-يىلى 10- نويابىردا ماقۇللانغان نىزامنامىسىنىڭ تۆۋەندىكى مادىللىرىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەپلىك جەمىيەتنىڭ تۆۋەندىكى نىزامنامىللىرى بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ:
24-ماددا: «ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ نىزامنامىسىغا ئەمەل قىلمىغان، قارشى چىققان، ئادىل ۋە دىموكىراتىك ئۇسۇلدا سايلام ئۆتكۈزۈشكە توسقۇنلۇق قىلغان، تەشكىلات كوللېكتىپىنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان، شارائىتى بار تۇرۇپ تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتىن باش تارتقان ياكى ئورۇندىمىغان، ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ، جەمىيەت مالىيەسىگە خىيانەت قىلغان، ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالمىغان تەشكىلات مەسئۇللىرى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ماقۇللىشى بىلەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىدۇ.»
29-ماددا: «ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ مالىيە جۇغلانمىسى، جەمىيەتىنىڭ ئىقتىسادى ئورگىنى بولۇپ، جەمىيەتىنىڭ مەسئول خادىملىرىنىڭ كوللېكتىپ نازارىتى ئاستىدا كاسسىر، بوغالتىر ۋە تەپتىش تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ. جەمئىيەت مالىيە جۇغلانمىسىغا يىغىلغان ئىقتىسات- جەمئىيەت خام چوت لايىھىسىگە ئاساسەن جەمئىيەت مەسئۇللىرىنىڭ بىردەك ماقۇللىشى ئاستىدا چىقىم قىلىنىدۇ.»
30- ماددا: «ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ مالىيە جۇغلانمىسىنىڭ كىرىم - چىقىم ئەھۋالى يىلدا ئىككى قېتىم دائىمىي كومىتېتى ھەيئەتلەرنىڭ ئالدىدا، يىلدا بىر قېتىم بارلىق ئەزالار قاتناشقان چوڭ يىغىندا كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ ۋە ھېساب بېرىلىدۇ.»
ماھىرە ئەيسا ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندىن بۇيان سايلامدا بېرىلگەن ۋەزىپىلىرىنىڭ ھىچ بىرسىنى ئورۇندىمايلا قالماستىن، جەمىيەتنىڭ ئادىل ۋە دىموكىراتىك ئۇسۇلدا سايلام ئۆتكۈزۈشكە توسقۇنلۇق قىلىپ، جەمىيەت نىزامنامىسىنى ئېغىر بۇزغان. جەمئىيەت ھەيئەتلىرىنىڭ، تەپتىشىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئىجابىي پوزىتسىيىدە بولمىغان، ئەكسىچە ئاداۋەت ساقلاپ، ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنى تۈزىتىشكە ھەركەت قىلماستىن جەمىيىتىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا، كۈچىيىشىگە، جۈملىدىن جەمىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئاممىۋىي ئوبرازىغا ئېغىر سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ جەمىيىتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشتا لاياقەتسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.
يۇقۇردىكى سەۋەپلەرگە ئاساسەن، ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى دائىمىي كومىتېتىدىكى بىرقانچە ھەيئەتلەرنىڭ ۋە مۇتلەق كوپ ساندىكى ئەزالارنىڭ بىردەك قوشۇلۇشى بىلەن، ماھىرە ئەيسانى ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن 2026-يىلى 1-ئاۋغۇست كۈنىدىن ئېتىبارەن ئەمەلدىن قالدۇرۇدۇ. 2026-يىلى 15-نويابىر كۈندىن بۇرۇن ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى نامىدىن «سايلام كومىتېتى» تەشكىللىنىدۇ ۋە 2026-يىلى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئومۇمىي سايلىمىنى ئۆتكۈزۈپ، جەمئىيەت رەئىسى ۋە رەھبەرلىك ئىدارە ھەيئىتى ئادىل ۋە دېموكراتىك ئۇسۇل بىلەن سايلاپ چىقىلىدۇ.
ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ پرىنسىپى بولغان «ھىچ بىر تەشكىلات ياكى جەمئىيەتلەرگە بېقىنمايدىغان مۇستەقىل جەمئىيەت بولۇش» ۋە «بۈيۈك بىرتانىيەدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇرىستانلىقلارغا ۋەكىللىك قىلىش، ئەنگلىيىدىكى ئۇيغۇر جامائەتنىڭ ئادىل ۋە باراۋەرلىكىنى چىقىش قىلىپ، قېرىنداشلىق، مىللەتداشلىق ۋە ۋەتەنداشلىق مەپكۇرەسى ئاساسىدا 2000 گە يېقىن بۈيۈك بىرتانىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا خىزمەت قىلىش» تىن ئىبارەت نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئەنگلىيىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تەققەززاسىدۇر. جۈملىدىن، پەرزەنتلىرىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىل، مەدەنىيەت ۋە ئورۇپ-ئادەتلىرى بويىچە تەربىيىلەش، يېڭى كەلگەن ۋەتەنداشلارغا ياردەم بېرىش، ئۆز- ئارا مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈش، بۈيۈك بىرتانىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرتانىيەگە ئىجابىي يەرلىشىشىگە ياردەمدە بولۇش، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ تارىختىكى ئەڭ ئېغىر زۇلمەتنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ئەنگلىيەدىكى جانلىق ئاۋازى بولۇش بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇر ئەۋلادىنىڭ مىللىي بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىدۇر.
ئۇشبۇ قارار ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى دائىمىي كومىتېتى ھەيئەتلىرى ۋە ئەزالىرى نامىدىن ئېلان قىلىندى.
ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى
2026يىلى 31-ئىيۇل، لوندون.