20/04/2026
ماتەم
ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن! بەرھەق ھەممىمىز اللە تەرەپتىن كەلدۇق ۋە مۇتەسدىق اللە تەرەپكە قايتىمىز!
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۆھترەم يۇرت ئەھلى، جامائەت ۋە قەۋمى قېرىنداشلار!
شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى نامىدىن ئادىلەيتە ياشايدىغان ۋەتەندىشىمىز، تونۇلغان ۋەتەنپەرۋەر، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ئاۋانگارتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئاۋىستىرالىيە جەمئىيتىنىڭ قۇرغۇچىللرىدىن *ئەخمەت ئىگەمبەردى* نىڭ بۇگۈن ۋاپات بولغانلىق مۇسىبەت خەۋىرىنى بارلىق جامائەتلىرىمىزگە يەتكۈزىمىز. اللە سۇبھانە ۋەتەئەلادىن بۇ مەرھۇمنىڭ گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلىپ، ياخشى ئەمەللىرى قوبۇل قىلىنغان ھالدا ئەھلۇل-جەننەتنىڭ ئېسىل دەرىجىلىرىگە يەتكۈزىشىنى سورايمىز.
مەرھۈمنىڭ بارلىق ئائىلە ئەزالىرىغا، ۋەتەن ئىچى سىرتىدىكى قېرىنداشلارىغا سەبىر تىلەش بىلەن بىرگە، مۇشۇ مۇسىبەتلىك كۈنلەردە يېقىنلىرىدىن ئايرىلغان بارلىق ۋەتەنداشلارىمىزغا ھېسداشلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. مۇساپىرلىقتا كەلگەن مۇسىبەت ھەممەيلەنگە ئورتاق دەپ تونۇيمىز.
مۇشۇ پۇرسەت بىلەن بارلىق بىزلەرنىڭ خەۋىرىمىزسىز دۇنيادىن ئىمان بىلەن كەتكەن بۇرۇنقىلىرىمىز ئۈچۈنمۇ دۇئالىرىمىز بولسۇن! اللە خەلقىمىزنىڭ بېشىدىكى بۇ مۇسىبەتلەرنى كۆتىرىۋەتسۇن! مىللىتىمىزگە شانلىق بىر
نۈسرەت ئاتا قىلسۇن! ئامىن!
ئەسكەرتىش: جىنازە ۋە ئۆلۈم پەتىسى ئۈچۈن ئايرىم ئۇقتۇرىمىز.
:ھۆرمەت بىلەن
شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى
2026-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى
Condolences
“Indeed, we belong to Allah, and indeed to Him we shall return.”
Peace be upon you, respected members of our community, congregation, and dear compatriots,
On behalf of the East Turkistan Australian Association, we regret to inform all our community members of the passing today of our fellow countryman living in Adelaide, a well-known patriot, a leading figure in the East Turkistan cause, and a founding member of ETAA, Ahmet Igemberdi.
We ask Allah سبحانه وتعالى to forgive his sins, accept his good deeds, and grant him the highest درجات (ranks) of Paradise among the أهل الجنة.
We extend our heartfelt condolences to all his family members and relatives both at home and abroad, and we pray for patience for them during this difficult time. We also express our sympathy to all our compatriots who have lost loved ones in these painful days. We recognize that the hardships faced in exile are shared by us all.
On this occasion, let us also offer our prayers for all those who have passed away before us, departing this world with faith without our knowledge. May Allah remove the hardships facing our people and grant our nation a noble victory. Ameen.
Note: Information regarding the funeral and memorial prayers will be announced separately.
Respectfully,
East Turkistan Australian Association
April 20, 2026